ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مەنىۋى تۇرمۇشنى رىقابەت قاينىمىغا ئېلىپ كىرگەن ھازىرقى رىقابەت دەۋرىدە كىشىلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى قارىشىدا ئاجايىپ قىزىقارلىق تۇرمۇش قاراشلىرى ۋە كىشلىك قاراشلار مەيدانغا كەلمەكتە، بۇنىڭ جانلىق پاكىتى ئۈچۈن كونكرېت مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:
-يىگىتنىڭدىن نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىڭ؟
- چىقىشالمايدىكەنمىز.
- نېمىشقا؟
- ئۇنىڭ تۈزۈك خىزمەت ئورنى، مائاشى، قەۋەتتىن ئۆيى ياكى كۆپرەك پۇلى بولمىسا…
-ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئادىمىيلىك تەبىئىتى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
- ئەلۋەتتە بار، يۇقىرىقى نەرسىلەر بولمىسا بىزنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ، بىزمۇ راۋۇرۇس ياشىشىمىز كېرەكتە!
-ئۇ يىگىت ئىشچان، غايىلىك، كۆپ خىل كەسىپلەرنى بىلىدىغان ئەلسۆيەر يىگىتقۇ؟ ئورتاق تىرىشىپ ئۆزۈڭلار ئىگىلىك ياراتمامسىلەر؟
-قويە ئۇنداق غايە، ئىرادە، تىرىشچانلىقنى! ئۇنىڭ بىلىمى، ئەخلاقى بولغىنى بىلەن قولىدا يا ھوقۇقى، يا پۇلى بولمىسا، قانداق يارىتىمىز؟
-بىلىمىڭلارنى ئورتاق ئىشقا سېلىپچۇ؟
-ھازىر بىلىم، ئەخلاق بولغان بىلەن بىكار، ھوقۇق، پۇل بولمىسا بولمايدۇ، ھوقۇق دېمەك پۇل دېمەك، پۇل دېمەك ھوقۇق دېمەك، پۇلى، ھوقۇقى بولغان ئادەملەر ئىستىقباللىق بولىدۇ، شۇڭا ئايرىلىپ كەتتىم.
-ئاشۇ يىگىت ئاشۇ بىلىمى ھەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن سەن دېگەندىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىپ قالسىچۇ؟
-ماڭا كېرىكى ھازىرقىسى،كىيىنكىسى بىلەن كارىم يوق.
مانا بۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسى. ئۇنداقتا بىر قىسىم يىگىتلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىلىپ باقايلى:
-يۈرگەن قىزىڭ بىلەن نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىڭ؟
- ئۇنىڭ پەقەت پۇلى يوقكەن، بەك نامراتكەن، توي قىلىپ قالساق ئۇ ئۆيگە ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرەرسىنىمۇ ئالالمىغۇدەك، يا دادىسىنىڭ خىزمەت ئورنى يۇقىرى بولمىسا، يا ئانىسىنىڭ ئىش ئورنى يۇقىرى بولمىسا، كېيىن ئىش ھەل قىلغىلىمۇ بولمىغۇدەك.
-ئورتاق تىرىشمامسىلەر؟
- ھۆكۈمەت بەرمىسە بىز قانداق تىرىشىمىز؟
-مائاشىڭلارنى يىغمامسىلەر؟
- مائاشتىن يىغساق كېيىن قانداق ئايرىيمىز؟
-ئىناق ئائىلە قۇرىۋالساڭلار ئايرىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟
- ئائىلىمىز ئىناق بولغان بىلەن، پۇلىمىز ئىناق ئەمەستە.
يۇقىرىقىلار رىقابەت دەۋرىگە ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئەمەس، بەلكى بۇ دەۋرىگە كىرىشنى خىزمەت ئورنىغا، پۇل، ئاللىقانداق ياردەمچىلەرنىڭ«قۇلى»غا ئايلىنىپ قېلىش بەدىلىگە كىرىشنى ئويلاۋاتقان، ھەتتا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ نازۇك بولغان مۇھەببەتنى پۇل ئارقىلىق بەلگىلەيدىغان بىر قىسىم قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ جاۋابلىرى.
yibubok
发表于 2016-8-4
厉害,根本看不懂。
评论列表
加载数据中...